UyghurMain Dictionary
گىيەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىنىڭ بىرى، بۇنىڭدا، 30 دانە داچەن بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە ئۈچ - تۆت سانتىمېتىر ئارىلىق قويۇپ، توپا يۆلەپ قاتار قىلىپ تىك تىزىلىدۇ. ئاندىن ئويۇنغا قاتناشقۇچى سەككىز - ئون مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ يۇمىلاق ساقا بىلەن داچەننى چەنلەپ ئۇرىدۇ. ئەگەر بىر قېتىمدا قاتار تىزىلغان داچەننى باشتىن - ئاياغ يىقىتىۋەتسە، ئۇ كىشى ئۇتقان ھېسابلىنىدۇ؛ تولۇق يىقىتالمىسا ئۇتتۇرغان بولىدۇ. مۇسابىقىلەشكۈچى ئىككى تەرەپ شۇ تەرىقىدە نۆۋەت بىلەن ئوينايدۇ.