Uyghur←ChineseMain Dictionary
فرانسىيەنىڭ 1795 - يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى
دۇنيا تارىخى
法国一七九五年宪法
fǎ guó yī qī jiǔ wǔ nián xiàn fǎ
فرانسىيە تەپتىش ھۆكۈمىتى مەزگىلىدىكى (1795 - 1799) جۇمھۇرىيەت ئاساسىي قانۇنى. تومۇز ئاي سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، مىللىي ئۇيۇشما 1795 - يىلى (جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى) 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ماقۇللانغان. ئاساسىي قانۇن سياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى باراۋەرلىك ھەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ھوقۇقى قاتارلىق مەزمونلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان؛ بىۋاستە ئومۇمىي سايلام ھوقۇقى ۋە بىر پالاتالىق تۈزۈمنى بىكار قىلغان؛ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىدا بىرقەدەر يۇقىرى بولغان مال - مۈلۈك سالاھىيىتى ۋە ياش شەرتى بەلگىلەنگەن؛ پۇقرالارنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكىمۇ مۇئەييەن چەكلىمىگە ئۇچرىغان. قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقى ئىككى پالاتا تۈزۈمىدىكى قانۇن بەلگىلەش مۇئەسسەسەسىگە تەۋە بولغان؛ بەش يۈز كىشلىك پالاتا قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرغا قويغان ھەمدە مۇزاكىرىدىن كېيىن سىناتقا تاپشۇرغان؛ سېنات قانۇن لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلماي ياكى ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەي تەستىقلىغان ۋە ياكى ئىنكار قىلغان. مەمۇرىي ھوقۇقى بەش كىشىدىن تەشكىللەنگەن تەپتىش ھۆكۈمىتىگە مەنسۇپ بولغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەلدارى بەش يۈز كىشلىك پالاتانىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، سېنات تەرىپىدىن سايلانغان. ھەر يىلى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئالماشتۇرۇپ سايلانغان، ھۆكۈمەت رەئىسلىكىنى بەش ئادەم نۆۋەت بىلەن ئىشلىگەن، مۇددىتى ئۈچ ئاي بولغان. ئاساسىي قانۇن بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مۈلۈكلەرنى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلغان؛ ئەمگەك ئەركىنلىكى ۋە سودا - سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكى ھەمدە دۆلەت بىلەن دىنىي جەمئىيەتنى ئايرىۋېتىشنى بەلگىلىگەن. ئاساسىي قانۇننى ماقۇللاش بىلەن بىرلىكتە ئەمىر - پەرمانلارنىمۇ ماقۇللاپ، ئەسلىدىكى ۋەكىللەرنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ يەنە سايلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مىللىي ئۇيۇشما ئاخىرقى قېتملىق يىغىن چاقىرىپ، يېڭىدىن سايلانغان ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي قانۇن تۇرغۇزىدىغان ئىككى پالاتالىق مۇئەسسە قىلىپ تەشكىللەپ چىققان ھەمدە تەپتىش ئەمەلدارىنى سايلاپ چىققان.