Uyghur←ChineseMain Dictionary
فرانسىيە - ماراكەش ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
法摩战争
fǎ mó zhàn zhēng
فرانسىيەنىڭ ماراكەشكە قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى. بۇ ئۇرۇش ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن: (1) 1844 - يىلى 8 - ئايدا، فرانسىيە ئالجىرىيىنىڭ فرانسىيىگە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچىلىرنىڭ داھىيىسى ئابدۇقادىرنىڭ ماراكەشكە قېچىپ كەتكەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئۇرۇش قوزغىغان. دېڭىز ئارمىيسى تانگېرنى توپقا تۇتقان ۋە موگادوردا قۇرۇقلۇققا چىققان؛ قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ماراكەشنىڭ شەرقىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلغان. ئىسلي دەرياسىدىكى جەڭدە ماراكەش ئارمىيىسى يېڭىلگەن. 9 - ئايدا <تانگېر شەرتنامىسى>نى ئىمزالاپ، ماراكەشنىڭ <ھەرخىل شەكىل ئارقىلىق فرانسىيەنىڭ ھەرقانداق دۈشمىنىگە ياردەم بېرىشكە بولمايدىغان>لىقى، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ موگادور ۋە ئوجدادىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. (2) 1907 - يىل 3 - ئايدا، فرانسىيە ئارمىيىسى فرانسىيە دوختۇرى ئۆلتۈرۈلگەن، دېگەننى باھانە قىلىپ ئۇجدانى بېسىۋالغان؛ 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى يەنە يەتتە نەپەر فرانسيە ئىشچىسى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن دەپ، كاسابلانكانى ئىشغال قىلىپ، چائويا رايونىغا تاجاۋۇز قىلغان. ماراكەش سۇلتانلىقى مۇرەسسە قىلىپ يول قويغانلىقى ئۈچۈن خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1911 - يىلى تاغلىق رايوندىكى قەبىلىلەر سۇلتانىنىڭ ۋەتەن ساتقۇچ سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ۋە فېز شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان. سۇلتان فرانسىيىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان، شۇنداق قىلىپ، 30 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە ئارمىيسى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي فېز ۋە باشقا شەھەرلەنى بېسىۋلغان. 1912 - يىلى <فېز شەرتنامىسى> ئىمزالىنىپ، ماراكەش فرانسىينىڭ ھامىيلىقىدىكى دۆلەت بولۇپ قالغان.