Uyghur←ChineseMain Dictionary
فرانسىيە مىللىي ئازادلىق كومىتېتى
دۇنيا تارىخى
法兰西民族解放委员会
fǎ lán xī mín zú jiě fàng wěi yuán huì
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى فرانسىيەنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى. 1943 - يىل 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئالجىرىيىدە قۇرۇلغان. دەسلەپ دېگولل ۋە گىرائود رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن. 11 - ئايدىن باشلاپ دېگولل رەئىس بولغان. فاشىستىك دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ، فرانسىينىڭ پۈتكۈل تېررىتورىيسىنى ئازاد قىلىش ھەمدە فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى جاكارلىغان. 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە سوېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت ئېتىراپ قىلغان. مەملىكەت ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى تەشكىلاتلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قاتناشقان. 1944 - يىلى 6 - ئاينىڭ 2 - كۈنى نامى فرانسىيە جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.