UyghurMain Dictionary
فرانكفورت سۈلھ شەرتنامىسى
Domain: دۇنيا تارىخىپرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسى. 1871 - يىل 2 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ۋېرسالدا فرانسىيە بىلەن گېرمانىيە دەسلەپكى قەدەمدە ئىمزالىغان سۈلھ شەرتنامىسىدە ئالساس (بېلفورت رايونى بۇنىڭ سىرتىدا) ۋە لوررانېنىڭ شەرقىي قىسمىنى (مىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) گېرمانىيىگە بۆلۈپ بېرىش؛ فرانسىيە 5 مىليارد فرانك تۆلەمنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەپ بېرىش؛ تۆلەمنى تولۇق تۆلەپ بولغاندىن كېيىن گېرمانىيە قوشۇنى فرانسىيە تۇپرىقىدىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىش بەلگىلەنگەن. فرانسىيە پوردۇ مىللىي پارلامېنتى 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دەسلەپكى سۈلھ شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلغان. 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى فرانكفۇرتتا رەسمىي سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالىغان. بۇ شەرتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى فرانسىيەبىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتكىچە داۋام قىلغان كېلىشمەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە پۈتكۈل ياۋرۇپادىكى جىددىي ۋەزىيەتنى يامانلاشتۇرۋەتكەن.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.