UyghurMain Dictionary
فرانسىيىنىڭ تىرىلىش دەۋرىدىكى تارىخشۇناسلىقى
دۇنيا تارىخى
ئادەتتە بوربون سۇلالىسىنىڭ قايتا ترىلىش مەزگىلىدىكى (1815 - 1830) فرانسىيە تارىخشۇناسلىقىنى كۆرسىتدۇ. بۇ مەزگىلدە فرانسىيە بۇرژۇئازىيە تارىخشۇناسلىقى ئەۋج ئېلىپ، مەشھۇر تارىخچىلار يېتىشىپ چىققان. بۇلارنىڭ ۋەكىللىرى: تىئرې، مىڭىت، مىسېلې، گېزو ۋە تېيىر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاساسلىق نەتىجىسى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، سىنىپىي كۈرەش نۇقتىئەنەزىرى ئارقىلىق تارىخنى تەتقىق قىلىپ، سىنىپىي كۈرەش تەلىماتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بۇرژۇئازىيە بىلەن فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تارىخىنى بىلىشنىڭ تۈگۈنى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن؛ سىنىپىي كۈرەشنىڭ مەنبەسى ھەرقايسى سىنىپلار ئوتتۇرىسدىكى مەنپەئەت قارىمۇ قارشىلىقى، يەنى مۈلۈك مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلغان ماددىي مەنپەئەت قارىمۇ قارشىلىقى ئىكەنلىكىنى؛ تارىخنى پادىشاھلار ئەمەس، بەلكى خەلق يارىتىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. بۇ ماركسىزملىق سىنىپىي كۈرەش نەزەرىيىسنڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىدىيىۋى ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بەرگەن؛ لېكىن ئۇنىڭ سىنىپىي كۈرەش نەزىرىيىسى بۇرژۇئازىيەنىڭ ھاكىمىيەت تارتىۋېلىشى ئۈچۈنلا ئاساس يارىتىپ بەرگەن، بۇرژۇئازىيە بىلەن فېئودال ئاقسۆڭەكلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي كۈرەشنىلا ئېتىراپ قىلىپ، پرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسدىكى كۈرەشكە قارشى تۇرغان ياكى ئۇنى ئىنكار قىلغان. شۇڭا ئۈزۈل - كېسىل بولمىغان ھەمدە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا تارىخىي ئىدېئالىستىك كونا مۇقامدىن قۇتۇلالمىغان.