UyghurMain Dictionary
فرانكونىيە
دۇنيا تارىخى
گېرمانىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تارىخىي رايوننىڭ نامى. ئىلگىرى بۇ ئەتراپتا فرانكلار ئولتۇراقلاشقانلىقى ئۈچۈن فرانكونىيە دەپ ئاتىلىپ قالغان. بۇ رايوننىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى فېدېراتىپ گېرمانىيىسىنىڭ باۋارىيە، بادېن - ۋۇرتتېمبېرگ ۋە خېسسېن ئوبلاستىلىرىغا جايلاشقان. مىلادى Ⅸ ئەسىرگە كەلگەندە كىنەزلىك قۇرۇلغان. كېيىن غەربىي فرانكونىيە ۋە شەرقىي فرانكونىيە دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 2410 - يىلى فرانكونىيە ماركىزى كونراد مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى بولۇپ، فرانكونىيە سۇلالىسىنى قۇرغان. 12 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن فرانكونىيە مەخسۇس شەرقىي فرانكونىيىنى كۆرسەتكەن. 1524 - 1525 - يىللىرى گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە فرانكونىيە قوزغىلاڭنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىدىن بولۇپ قالغان.