Uyghur→ChineseMain Dictionary
كابۇل دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
喀布尔河
kā bù ěr hé
ئافغانىستاندىكى دەريا. ئۇزۇنلۇقى 700 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 560 كىلومېتىر ئافغانىستانغا، قالغان قىسمى پاكىستانغا توغرا كېلىدۇ. باش قىسمى ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىن باشلىنىپ، ئافغانىستاننىڭ قابۇل، جالالئاباد شەھەرلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، كېبىر تاغ ئېغىزىنىڭ شىمالىدىكى تاغ ۋادىسى ئارقىلىق پاكىستانغا ئېقىپ كىرىدۇ، پېشاۋار، ئىسلامئابادنىڭ غەربىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھىندى دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. دەريا سۈيى جالالئاباد بىلەن پېشاۋار قاتارلىق جايلاردا سۇغىرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ. دەريا ۋادىسى مۇھىم قاتناش يولى ھېسابلىنىدۇ، دەريانىڭ قابۇل شەھىرىدىن تۆۋەن قىسمىدا قېيىق بىلەن قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، مۇھىم تارماقلىرى لاۋگار، پەنجە، سېرلاردىن ئىبارەت.