Uyghur→ChineseMain Dictionary
كاما دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
卡马河
kǎ mǎ hé
سوۋېت ئىتتىپاقى ۋولگا دەرياسىنىڭ سول ياقىسىدىكى ئەڭ چوڭ تارمىقى. باش مەنبەسى كاما ئېگىزلىكىدىن باشلىنىدۇ، ئوتتۇرا ئېقىمى ئۇرال تاغلىرىنىڭ غەربىي باغرىنى بېسىپ ئۆتۈپ، غەربىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ، غول لىنىيە - كۇيبېشېۋ سۇ ئامبىرىغا قۇيۇلىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 1805 كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلىمى 507 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئاساسىي تارماقلىرى بېلايا، ۋساتكالاردىن ئىبارەت. دەريا ئاغزىدىكى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى سېكۇنتىغا 3500 كۇب مېتىر بولىدۇ. سۇ ئېنېرگىيە زاپىسى ناھايىتى مول، يۇقىرى ئېقىندىن تۆۋەن ئېقىنغا قاراپ نۇرغۇن سۇ ئامبارلىرى، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى قۇرۇلغان. دەريانىڭ كېرچېۋىسكىدىن تۆۋەنكى 966 كىلومېتىر لىنىيىسىدە قاتناش قىلىشقا بولىدۇ، يېرىمىدىن تۆۋەن قىسمىدا قەرەللىك ھ الدا موسكۋا، گوركى، ئاستراخان، ئوفا شەھەرلىرىگە پاساژىر پاراخوتى قاتنايدۇ.