Uyghur→ChineseMain Dictionary
كارۇن دەرياسى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
卡仑河
kǎ lún hé
ئىراننىڭ ئەڭ چوڭ دەرياسى. دەريانىڭ باش مەنبەسى زاگروس تاغلىرىنىڭ غەربىي ئېتەكلىرىدىن باشلىنىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 850 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 50 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دەريا سۈيى زاگروس تېغىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاخىرى پېرسىيە قولتۇقىغا قۇيۇلىدۇ، كارۇن دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىنىڭ سۈيى ۋە سۇ ئېنېرگىيىسى مول. دەريانىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن تاكى خوررام شاخېر شەھىرىگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا 1000 توننىلىق دەريا پاراخوتلىرى قاتنىيالايدۇ، ئۇ ئىران بويىچە مۇھىم قاتناش ئەھمىيىتىگە ئىگە دەريا.