UyghurMain Dictionary
تافنا شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
فرانسىيە ئابدۇل قادىر بىلەن تۈزگەن تىنچلىق كېلىشىمى 1937-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى تافنادا ئىمزالانغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا فرانسىيىلىكلەر بىلەن ئەرەبلەرنىڭ ئەركىن سودا ئالاقىسى قىلىدىغانلىقى، ئۆزئارا قارشى تەرەپنىڭ زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىشقا بولىدىغانلىقى؛ ئوران ئۆلكىسى بىلەن ئالجىر ئۆلكىسىنىڭ بىر قىسمى ئابدۇل قادىرغا قارايدىغانلىقى؛ فرانسىيە تەسىر دائىرىسىنىڭ ئالجىر شەھىرىدىن 30 كىلومېتىر يىراقلىققىچە ۋە ئۇنىڭ <سىرتىدىكى> كىدرادا دەرياسى رايونىغىچە سوزۇلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.