UyghurMain Dictionary
ترويېس شەرتنامىسى
دۇنيا تارىخى
يۈز يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەنگلىيە - فرانسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ 1420-يىل 5-ئاينىڭ 21-كۈنى ترويېس شەھىرى (فرانسىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) دە تۈزگەن شەرتنامە. 1415-يىلى 10-ئايدا ئەنگلىيە كورۇلى ھېنرى Ⅴ ئازىنكور جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئاندىن كېيىن يەنە پارىژ ۋە لوئىرې دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى كەڭ رايونلارنى ئىشغال قىلىۋالغان. فرانسىيىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تىزگىنلەش ئۈچۈن، ھېنرى فرانسىيە خانىكىسى ئىسابېلا ۋە بۇرۇندى كىنەزى فىلىپپې (ياخشى ئادەم) نى ئاغرىپ قالغان فرانسىيە كورۇلى چارلېس Ⅵ گە ۋەكالىتەن بۇ شەرتنامىنى ئىمزالاشقا قىستىغان. شەرتنامىدە: فرانسىيە تەخت ۋارىسى چارلېس (كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى چارلېس Ⅶ) نىڭ تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ ئەنگلىيە - فرانسىيە ئىككى دۆلەت بىرلىكتە بىر كوۇرلنى قوللاش، ھېنرى فىرانسىيە تەخت ۋارىسى بولۇش؛ چارلېس Ⅵ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە ھېنرى نائىبلىق قىلىش، ھېنرى چارلېس Ⅵ نىڭ قىزى كاتېرىنانى ئەمرىگە ئېلىش بەلگىلەنگەن. تەخت ۋارىسى چارلېس بۇنى رەت قىلىپ، فرانسىيىنىڭ جەنۇبىغا چېكىنگەن.