UyghurMain Dictionary
شىنچۇ شەرتنامىسى
جۇڭگودىكى كېلىشىم ۋە شەرتنامىلەر
1900 - يىلى8 - ئايدا سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلدى. سىشى تەيخۇ لى خۇڭجاڭ بىلەن چىڭچىنۋاڭ − يى كۇاڭنى تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەزىر قىلىپ تەيىنلەپ بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئەۋەتىپ، ئۆزى ئالدىراپ - تېنەپ قېچىپ كەتتى.12 - ئايدا روسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، ئىسپانىيە، گوللاندىيىدىن ئىبارەت11 دۆلەت بىرلىشىپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە12 ماددىلىق «سۈلھى لايىھىسى» نى سۇندى ھەمدە بۇ ماددىلارنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، دەپ جاكارلىدى. سىشى تەيخۇ «سۈلھى لايىھىسى» دا ئۆزىنى «بارلىق ئاپەتنىڭ باش جىنايەتچىسى» دەپ قارايدىغان ماددىلارنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، خۇشاللىقىدا قىن - قىنىغا پاتماي قالدى ھەمدە دەرھال لى خۇڭجاڭ بىلەن يى كۇاڭغا «بارلىق تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىش» توغرىسىدا تېلېگرامما يوللىدى. ئۇ بۇنىڭدىن كېيىن جەزمەن «جۇڭگونىڭ بايلىقى بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.1901
- يىل9 - ئاينىڭ7 - كۈنى بېيجىڭدا سۈلھى شەرتنامە رەسمىي ئىمزالاندى. بۇ يىل كونا يىلنامە بويىچە شىنچۇ يىلى بولغاچقا، بۇ شەرتنامە يەنە «شىنچۇ شەرتنامىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «شىنچۇ شەرتنامىسى» ئىگىلىك ھوقۇقنى يوقىتىپ، ۋەتەنگە مىسلىسىز ھاقارەت كەلتۈرگەن تەڭ ھوقۇقسىز شەرتنامە. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە450 مىليون سەر كۈمۈش ئۇرۇش چىقىمى تۆلەش، بۇنى39 يىلغا بۆلۈپ، ئۆسۈمىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا جەمئىي982 مىليون سەر كۈمۈش تۆلەش (بۇ ئۇرۇش1900 - يىلى پارتلىغان بولۇپ، كونا كالېندار بويىچە گېڭزى چاشقان يىلى بولغاچقا، بۇ تۆلەم «گېڭزى تۆلىمى»، «چاشقان يىلىدىكى تۆلەم» دەپمۇ ئاتىلىدۇ)؛ بېيجىڭدىكى دۇڭجياۋمېن كوچىسىنى ئەلچىخانا رايونى قىلىپ ئايرىپ، بۇ جاينى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇپ قوغدىشىغا رۇخسەت قىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق؛ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى داگۇ ئېغىزىدىكى ۋە بېيجىڭدىن تيەنجىنگىچە بولغان دېڭىز بويلىرىدىكى بارلىق زەمبىرەك سۇپىلىرىنى بۇزۇۋېتىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بېيجىڭدىن شەنخەيگۇەنگىچە بولغان تۆمۈريول لىنىيىسىدىكى مۇھىم جايلاردا ئەسكەر تۇرغۇزۇشىغا رۇخسەت قىلىش؛ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى جۇڭگو خەلقىنىڭ جاھانگىرلىككە قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى قاتتىق چەكلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
«شىنچۇ شەرتنامىسى» ئارقىلىق چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى شەرمەندىلەرچە سېتىش ئارقىلىق جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو پۈتۈنلەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلاندى.