UyghurMain Dictionary
ئۇھۇد ئۇرۇشى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مەككىدىكى قۇرەيش ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ بەدرى غازىتىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدىن ئۆچ ئېلىپ قىلغان ئۇرۇشى. قۇرەيش ئاقسۆڭىكى ئەبۇ سوفيان 625 - يىلى 3 - ئايدا 3 مىڭ ئادەمنى باشلاپ مەدىنىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، مىڭ ئادەمنى باشلاپ يول ئۈستىدە ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندى. ئىككى قوشۇن مەدىنىنىڭ يېنىدىكى ئۇھۇد (ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چېگرىسى ئىچىدە) تېغىنىڭ باغرىدا ئۇچراشقانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئادەملىرى ئۇرۇش قىلىش توغرىسىدا پىكىردە بىرلىككە كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، 300 دىن ئارتۇق ئادەم كېتىپ قالدى. مۆكۈنگەن ئوقياچىلار بۇيرۇققا قۇلاق سالماي، تۇرغان ئورنىدىن ئايرىلدى. ئىچكى قىسىم قالايمىقانلىشىپ، ئاخىر مەغلۇپ بولدى. بىر نەچچە ئون ئادەم قازا قىلدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يارىلاندى.