UyghurMain Dictionary
بونى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨئەسىردە سۇلاۋېسنىڭ بونى رايونىدىكى گوللاندىيىگە قارشى قوراللىق كۈرەش. بونى پادىشاھلىقى گوللاندىيىنىڭ باشقا ئاراللاردا مۇستەملىكچىلىك قىلىپ كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇپ، ئۆزىگە تەۋە رايونلارنى گوللاندىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ئىگىلىۋالغان رايونلارغىچە كېڭەيتىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن تەلەپ رەت قىلىنغان. 1824-يىلى بونى ئارمىيىسى گوللاندىيە كونتروللۇقىدىكى رايونغا كىرگەن، گوللاندىيە - ھىندۇنېزىيە مۇستەملىكىچى ھۆكۈمىتى قوشۇن ئەۋەتىپ باستۇرۇپ، بونىنىڭ پايتەختىنى بېسىۋالغان. كېيىن دىپونېگورو ئۇرۇشى پارتىلىغانلىقتىن ، قوشۇننى چىكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. 1835 - يىلى بونىنىڭ ئايال پادىشاھى ئالەمدىن ئۆتكەن. 1859-يىلى گوللاندىيە مۇستەملىكچىلىرى ئىككىنچى قېتىم ئەسكەر ئەۋەتىپ بونىغا قارشى جەڭگە چىققان بولسىمۇ، بونلىقلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ياردەمچى قوشۇنىنى كۆپەيتىپ، بونى ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. بونى پادىشاھلىقى زېمىنىنىڭ بىر قىسمى گوللاندىيە تەۋەلىكىگە قوشۇۋېتىلگەن، بىر قىسمى گوللاندىيە ئارمىيىسىنىڭ بونىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملەشكەن قوشنا رايونلاردىكى فېئوداللارغا ئىنئام قىلىپ بېرىلگەن.