UyghurMain Dictionary
شىك ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە ھىندىستانشىك دۆلىتىنى يۇتۇۋالغان ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان: (1) 1845 - 1946 - يىللىرىدىكى ئۇرۇش. تۆت قېتىملىق جەڭنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 1945 - يىلى 12 - ئايدا شىك قوشۇنلىرى ساتلېچ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئەنگلىيە قوشۇنىغا قارشى جەڭگە ئاتلانغان. لېكىن مۇدكى (1845 - 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى)، فېروزېشار (1845 - 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى)، ئالىۋال (1846 - يىلى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنى) ۋە سوبرائون (1846 - 2 - ئاينىڭ 10 - كۈنى)لاردا، ھەربىي قومانداننىڭ ئاسىيلىق قىلىشى ئارقىسىدا كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ بولغان. 1846 - يىلى 3 - ئايدا ئىككى تەرەپ <لاھۇر شەرتنامىسى>نى تۈزگەن. شىك دۆلىتى سالاندا دەريا ۋادىسىنى بۆلۈپ بەرگەن ۋە كەشمىردىن مەھرۇم بولغان؛ ئەنگلىيەنىڭ شۇ يەردە تۇرۇشلۇق ئەمەلدارىنى قوبۇل قىلغان، دالىپ سىنگ نامدا يەنىلا پادىشاھبولغان. (2) 1848 - 1849 - يىللىرىدىكى ئۇرۇش. 1848 - يىلى 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى مۇلتادا ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئىككى نەپەر ئەنگلىيىلىك ئەمەلدار ئۆلتۈرۈلگەنلىكتىن، ئۇرۇش يەنىلا قوزغالغان. ئىككىنچى يىلى 1 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ئەنگلىيە قوشۇنى مولتاننى ئىشغال قىلىۋالغان ھەمدە 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چىلىئانوۋالادا ۋە 2 - ئاينىڭ 21 - كۈنى گۇجاراتتا شىك قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان، شىك قوشۇنى تەسلىم بولغان. 3 - ئايدا ئەنگلىيە پەنجاپنى يۇتۇۋالغان. پادىشاھ دالىپ سىنگ بىكار قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەنگىلىيەنىڭ يۈز يىل داۋام قىلىپ كەلگەن ھىندىستاننى بويسۇندرۇش ئىشى ئاخىرلاشقان.