UyghurMain Dictionary
مېرىنا پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
ماداغاسقار ئارىلىدىكى پادىشاھلىق. مېرىنا دېگەن سۆز <تاغلىق دۆلەت> دېگەن مەنىدە. 19 - ئەسىردە قۇرۇلغان، 16 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئىكوپا جىلغىسى مەركەز قىلىنغان ئوتتۇرا قىسىمنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. تانانا رىۋىي پايتەخت قىلىنغان. 17 - ئەسىردە فېئوداللىق ھوقۇق مەركەزلەشتۈرۈلگەن تۈزۈمدىكى دۆلەتكە ئايلانغان. 18 - ئەسىردە تۆت كىچىك پادىشاھلىققا بۆلۈنگەن. ئۇلار ئۆزئارا ھوقۇق تالاشقان. 1797-يىلى ئاندرىئا نامپوئىنىمېرىنا (1780 - 1810-يىللاردا تەختتە ئولتۇرغان) پادىشاھلىقنى يېڭىۋاشتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نامىنى ماداغاسقار پادىشاھلىقى دەپ ئۆزگەرتكەن.