UyghurMain Dictionary
مالى پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
غەربىي ئافرىقىدىكى قەدىمكى دۆلەت. مالىنىڭ مەنىسى <پادىشاھنىڭ تۇرالغۇسى> دېگەنلىك. بۇ پادىشاھلىقنى مىلادى Ⅷ ئەسىردە نېگىر دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا ياشايدىغان ماندىنگورلار قۇرغان بولۇپ، ئۇزۇنغىچە گانا پادىشاھلىقىغا بېقىنىپ كەلگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرى باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان. سۇندىياتا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، سۇسۇ پادىشاھلىقى، گانا پادىشاھلىقىنى بويسۇندۇرغان. 14 - ئەسىرنىڭ باشلىرى، پادىشاھلىق ئىنتايىن گۈللىنىپ كەتكەن. ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ گائو، تومبۇكتو ۋە تاكرول قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. پايتەختى نىئانى بولۇپ، تېررىتورىيىسى غەربتە سېنېگال دەرياسى ئېغىزىدىن باشلىنىپ، شەرقتە نېگىر دەرياسى قولتۇقىغىچە، شىمالىي سەھرايى كەبىر چۆللۈكى بىلەن چېگرالىنىپ، جەنۇبىي ۋولتا دەرياسى رايونىغا تۇتىشىدۇ. دېھقانچىلىق، ئالتۇنچىلىق ۋە سودا راۋاجلانغان. ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 1324-يىلى پادىشاھ موسا قاھىرە ئارقىلىق مەكىگە بېرىپ ھەج قىلغاندا ئادەتتىن تاشقىرى بەتخەجلىك قىلىپ، يېقىن شەرق ۋە ياۋروپانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەنىدى. 14 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا پادىشاھلىق ئاجىزلىشپ كەتكەن. 15 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پايتەختى بىر مەھەل ساڭخەي پادىشاھلىقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1660-يىلى (ياكى 1670-يىلى) بامبارالار تەرىپىدىن يوقىتىلغان.