UyghurMain Dictionary
كانا پادىشاھلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(770 - 1240) غەربىي ئافرىقىدىكى ئىسلام پادىشاھلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ پادىشاھلىقنى غەربىي ئافرىقىدىكى سونىكلار قۇرۇپ، غەربىي ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئالتۇن ۋە قۇل سودىسىنى كونترول قىلدى. 999 - يىلى قوشنا مۇسۇلمان قەبىلىلىرىدىن لامتۇنالار سودا شەھىرى ئوداگوستنى ئىشغال قىلدى ھەمدە شۇنىڭدىن باشلاپ سۇلالىنىڭ ئىچىگە ئىسلام دىنىنى تارقاتتى. مۇسۇلمانلار ۋەزىر بولدى، تەرجىمانلىق ياكى مالىيىنى باشقۇرىدىغان ئىشلارنى قىلدى. 1076 - يىلى مۇرابىتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، پادىشاھ ۋە پۇقرالار ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىپ، مالىكىيەگە بويسۇندى. Ⅺ ئەسىردىن كېيىن سۇلالە بۆلۈنۈپ كەتتى. 1240 - يىلى مەندىنگولار تەرىپىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، مالى پادىشاھلىقى قۇرۇلدى.