UyghurMain Dictionary
كۇشان پادىشاھلىقى
دۇنيا تارىخى
مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا باش كۆتۈرگەن قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت. ئۇلۇغ تۇخرىيلارنىڭ كۇشان ئاقساقىلى (قەبىلە باشلىقى) كۇجۇلا تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ پادىشاھلىق ۋىماكا دىفىستىن كانىشكاغىچە ئۈزلۈكسىز سىرتقا كېڭىيىپ، پادىشاھلىقىنىڭ كۈچى بارغانسېرى روناق تېپىپ، زېمىنى شىمالدا خارەزىمدىن باشلىنىپ، جەنۇبىي ۋىندىيا تېغىغا يەتكەن. غەربىي ئارال دېڭىزىدىن باشلىنىپ، شەرقتە پامىر تېغىغا تۇتىشىپ، ئوتتۇرا ئاسيا ۋە ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان؛ پايتەختى پۇرشاپۇرا (ھازىرقى پاكىستاننىڭ پىشاۋۇر شەھىرى). پادىشاھلىقنىڭ سودا - ئىقتىسادىي تەرەققىي تېپىپ، <يىپەك يولى> نىڭ مۇھىم جايى بولۇپ قالغان؛ غەربتە پارفىيە، رىم بىلەن، شەرقتە جۇڭگو بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقان. مەدەنىيىتى قەدىمكى ھىندىستان، ئىران ۋە يۇناننىڭ تەركىبلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، گاندارا سەنئىتى بىلەن مەشھۇر. پادىشاھ كانىشكا ماھايانا بۇددىزمىنى تەشەببۇس قىلىپ، تۆتىنچى قېتىملىق بۇددا يىغىلىشىنى چاقىرغان. بىر تۈركۈم راھىبلارنى چەت ئەلگە دىن تارقىتىشقا ئەۋەتكەن. مىلادى Ⅲ ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پادىشاھلىق بارا - بارا ئاجىزلاپ، بىرقانچە ئۇششاق بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ساسانىلار سۇلالىسى غەربىي ئاسىيادا باش كۆتۈرۈپ، گۇپتا سۇلالىسى ھىندىستاننىڭ شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن، مىلادى Ⅴ ئەسىردە ئېفتالىتلار (ئاق ھونلار) شىمالدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، پادىشاھلىقنى ھالاكەتكە ئۇچراتقان.