UyghurMain Dictionary
دىئاننۇنزىئو
دۇنيا تارىخى
(1863 - 1938) ئىتالىيىلىك يازغۇچى. بوسكارادا كاتتا باي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1879-يىلى <باش باھار> دېگەن شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. 1894-يىلى <ئۆلۈمنىڭ غەلىبىسى> دېگەن رومانىنى ئېلان قىلىپ داڭق چىقارغان. 1897 - 1900-يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى جېنىنىڭ بارىچە تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئىلگىرى - ئاخىر قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىلىرىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. ئايروپىلان ھادىسىسىدە بىر كۆزى يارلىنىپ، كۆرمەس بولۇپ قالغان. 1919-يىلى 9-ئايدا 300 نەپەر پىدائىينى باشلاپ فىئۇمې (يۇگوسلاۋىيىنىڭ ريېكا دېگەن جايى) نى قوراللىق ئىگىلىۋالغان، كېيىن ئىتالىيە ئارمىيىى تەرىپىدىن قوغىلىۋېتىلگەن. فاىزمنى قوغداپ، مۇسسولىنىغا سادىق بولغانلىقتىن، ماركىز ئۇنۋانى بېرىلگەن. ئىتالىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ بالشىقى بولغان. 1922-يىلى يېقىلىپ چۈشۈپ يارىدار بولغاندىن كېيىن، گاداگ كۆلى ئەتراپىدا زاھىتلىق قىلىپ يۈرۈپ ئۆلگەن. ئەسەرلىرى تولۇقى بىلەن جەمئىي 49 توم چىقىرىلغان.