UyghurMain Dictionary
دىباچە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كىرىش سۆز، مۇقەددىمە.
كىتابنىڭ نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن بىرىنچى سەھپىسى.
ھەر نەرسىنىڭ باشلىنىش قىسمى.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
1. كىتابنىڭ ئالتۇن سۈيى ۋە نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن بىرىنچى سەھىپىسى.
2. كىتابقا يېزىلغان كىرىش سۆز، لىرىك مۇقەددىمە. قەدىمكى كىتابلاردا كىرىش سۆز بىرىنچى سەھىپە ھاشيەسىگىمۇ يېزىلاتتى. دىباچە، ئادەتتە ئاپتورنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن، بەزىدە باشقىلار (كۆپىنچە كاتىپلار) تەرىپىدىن يېزىلىپ كەلگەن.
<قۇتادغۇبىلىك> داستانىدىكى شېئىرىي ئۇسلۇبتا بېرىلگەن 77 بېيتتىن تەركىب تاپقان مۇقەددىمە <دىباچە> ھېسابلىنىدۇ. بۇ دىباچە باشقىلار تەرىپىدىن يېزىلغانلىقى مەلۇم.
دىباچە ھازىرقى زامان ئۆزبېك ئەدەبىياتىدا غ. غولام ۋە م. شەيخزادىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە كۆپ ئۇچرايدۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كىتابنىڭ ئالتۇن سۈيى ۋە نەقىشلەر بىلەن بېزەلگەن بىرىنچى بېتى؛ كىرىش سۆز، باشلانما، مۇقەددىمە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسەرنىڭ ئاساسىي قىسمنىڭ ئالدىدا شۇ ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن دېرەك بېرىدىغان قىسمى.
«پرولوگ»، «دىباچە» لەر ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپرەك قوللىنىلىدۇ.
«مۇقەددىمە» باشقا ئىش - ھەرىكەتنىڭ باشلىنىشنىمۇ كۆرسىتىدۇ.
«كىرىش» نى ياخشى يېزىش بىر ئەسەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم. «بۆرە ئۇۋىسىدىكى بايلىق» نىڭ سۆز بېشى قىسقىلا، ئەمما پۈتۈن ئەسەرنىڭ نەدىن باشلىنىپ، نەدە تۈگەيدىغانلىقىنى كۆرستىپ بەرگەن. كىتابنىڭ مەزمۇنى مۇقەددىمىسىدىن مەلۇم. مەغرۇرلۇق - پۇتلىششىنىڭ مۇقەددىمىسى.