UyghurMain Dictionary
دىبەي
بىئولوگىيە
(1) ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بىر ئەزاسى، مەيدانى تەخمىنەن 3900 كۋادرات كىلومېتر كېلىدۇ. ئاساسىي قىسمى پېرسىيە قولتۇقىغا جايلاشقان خاجار تاغلىقىنىڭ بىر رايونىدىن ئىبارەت. ئاھالىسى 207 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ %90 تىن كۆپرەكى دىبەي ھەم ئۇنىڭ ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن. ئىقتىسادتا نېفىت بىلەن سودىنى ئاساس قىلىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور مىقداردا نېفىت زاپىسى تېپىلدى. دېڭىز رايونلىرىدىن بېلىق تۇتۇلىدۇ، مەرۋايىت سۈزۈپ ئېلىنىدۇ، دېھقانچىلىقى ئانچە مۇھىم ئورۇندا تۇرمايدۇ. (2) دىبەي خەلىپىلىكىنىڭ پايتەختى، مۇھىم پورتى، مۇھىم سودا - سانائەت مەركىزى. شەھەر رايونى تەخمىنەن 11 كىلومېتر ئۇزۇنلۇقتىكى قولتۇقنىڭ ئىككى ياقىسىغا جايلاشقان. ھازىر بۇ قولتۇقنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يېڭىدىن راشىد پورتى قۇرۇلدى. شەھەردە يېڭىدىن نېفىت ئايرىش، ياغاچچىلىق، سۇلياۋ تۇرۇبا ياساش، بېلىق كونسېرۋاسى ئىشلەش، ئاليۇمىن تاۋلاش، ئېنېرگىيە، تۇزلۇق سۇنى تاتلىق سۇغا ئايلاندۇرۇش، پولات ماتېرىياللىرى تەييارلاش، ماشىنىسازلىق، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەت ئورۇنلىرى قۇرۇلدى.