UyghurMain Dictionary
دىئالېكت
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
شىۋە. بىر خىل تىلنىڭ يەرلىك شەكلى. ئۇنىڭ تىل - سنتاكسىس ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بولىدۇ، ئۇ تىلدىكى بۆلۈنۈشنىڭ نەتىجىسى. بىر مىللەتنىڭ تىلىدا دىئالېكتىلارنىڭ رولى پەيدىنپەي كىچىكلەپ بارىدۇ ۋە ئورتاق تىلنىڭ تەسىرىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ يوقىلىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.
دىئالېكتىلار يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقتىن، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئىپادىلەش كۈچىگە باي، ھەمدە كىشىلەر چۈشىنەلەيدىغان بەزى دىئالېكتلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئەسەرنىڭ يەرلىك تۈسىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمما، ھەددىدىن ئارتۇق غەيرىي دىئالېكتىلارنى ھە دەپ قوللىنىۋېرىشمۇ ئىجابىي رول ئوينىيالمايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەدەبىي تىلدىن ئۆز خۇسۇسىيەتلىرى بويىچە ئايرىلىپ تۇرىدىغان يەرلىك تىل. «شېۋە» تېخىمۇ كىچىكرەك دائىرىدە بولىدۇ، دىئالېكت يەنە شېۋىلەرگە بۆلىنىدۇ.
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى مەركىزىي دىئالېكت، خوتەن دىئالېكتى، لوپنۇر دىئالېكتلىرىغا بۆلىنىدۇ. كەلپىن شېۋىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا ئالاھىدە شېۋە ھېسابلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
تىلشۇناسلىق
بىر تىلنىڭ مەلۇم دائىرىدىلا قوللىنىلىدىغان ۋە ئەدەبىي تىلدىن پەرقلىنىدىغان ئىجتىمائىي ۋارىيانتى. ئۇ يەنە بىر قانچە شېۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.