UyghurMain Dictionary
دارىماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ھازىر بولماق، كەلمەك؛ پەيدا بولماق؛ مەيدانغاد كەلمەك.
يولۇقماق، دۇچار بولماق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
مەيدانغا كەلمەك، پەيدا بولماق؛ يولۇقماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
دەسسىمەك، ئاياغ باسماق.
خېلى زامانلار ئۇ بۇ تەرەپلەرگە دارىپ باقمىدى.
يولۇقماق.
بۈۋىم ھەر كۈنى ئەسكى لاتىلارنى ئېرىغاتتى ۋە <ئەزرائىل دارىغىدى بۇ قاخباشقا> دەپ ئىچىدە غۇدۇڭشىيىتتى.
كەلمەك، كىرمەك.
نېمە بولدۇڭ، بىزنىڭ ئۆيلەرگە دارىپمۇ قويمايسەنغۇ؟
بارماق.
مەن ئۇ سورۇنغا دارىمىدىم.
تەگمەك، تەسىر قىلماق.
- شامال بالىنىڭ ئاياغ تەرىپىدىن دارىغان، - دەيتتى داخان، - مال سىلىنىڭ ئۆينىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى يەتتىنچى ئۆيدىن ئېلىپ كېلىنسە بولىدۇ.
يۇقماق، سىڭمەك.
نانغا كىرسىن دارىپ قاپتۇ.