UyghurMain Dictionary
دارىك
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تىللاسىنىڭ نامى. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دارىئۇس Ⅰ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە تۇنجى قېتىم قويۇلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق نام بېرىلگەن. دارىك قەدىمكى پېرسىيە يېزىقىدىكى زارىك (ئالتۇن، ئېنگلىزچە Zarig دەپ تەرجىمە قىلىنىدۇ) دېگەن سۆزدىن پەيدا بولغان دەپ ھېسابلىغانلارمۇ بار ئىدى. ھەربىر تال تىللارنىڭ ئېغىرلىقى 8.4 گرام بولۇپ، ئۇنىڭ يۈزىگە قولىدا ئوقيا تۇتۇپ تۇرغان پادىشاھنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن؛ پەقەت پادىشاھلا ئۇنى قۇيدۇرۇشقا ھەقلىق دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ پۇل پۈتۈن ئىمپېرىيە تەۋەسىدە ئىشلىتىلگەن. ھەتتا ياۋروپا - ئاسىيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغىمۇ تارالغان.