UyghurMain Dictionary
دارىئۇس
مەشھۇر شەخسلەر
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى6 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پېرسىيە چېگرىسىدا ئىمپېرىيە ھاكىمىيىتىنى تەۋرىتىدىغان كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار كۆپلەپ يۈز بەرگەن. بۇ قوزغىلاڭلار پېرسىيىنىڭ مەركىزىدىن باشلىنىپ، تېزلا باشقا رايونلارغا كېڭىيىپ، پۈتكۈل ئىمپېرىيە بوران - چاپقۇن ئىچىدە قالغان. دارىئۇس Ⅰ دەل مۇشۇ مەزگىلدە مەيدانغا كەلگەن قەھرىماندۇر.
دارىئۇسⅠ ( تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى558 −486 - يىللار) ئەسلىي پېرسىيە پادىشاھى كامبېشىسنىڭ شىرەم تۇغقىنى بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا پادىشاھ بولۇپ بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان ئۇلۇغۋار ئىرادىنى تىكلىگەن. كامبېشىس مىسىرغا ھەربىي يۈرۈش قىلغان مەزگىلدە، ئۇ »تۈمەن كىشىلىك يېڭىلمەس قوشۇن«نىڭ باش سەركەردىسى بولغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئىمپېرىيىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، دارىئۇس Ⅰنىڭ ئالىي ھوقۇقنى قولغا كىرگۈزۈشىگە پۇرسەت تۇغۇلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئەمدىلا28 ياشقا كىرگەن دارىئۇس Ⅰ قوشۇن تارتىپ جايلاردىكى توپىلاڭنى باستۇرۇشقا ئاتلانغان، كۆپ قېتىم قانلىق جەڭ قىلىش ئارقىلىق، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى522 - يىلى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئاساسىي كۈچىنى مەغلۇپ قىلىپ، پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھلىق تەختىنى قولىغا كىرگۈزگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تازا گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويغان.
دارىئۇس Ⅰ تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، داۋاملىق ھەربىي كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ھىندى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمال رايونىنى بويسۇندۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، زېمىنى شەرقتە ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىن باشلىنىپ، غەربتە سەھرايى كەبىر چۆللۈكىگىچە سوزۇلغان، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپانى قاپلىغان پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. بۇنىڭدىن باشقا، دارىئۇس Ⅰ يەنە مەمۇرىي ئۆلكىلەرگە ئايرىش، باش ۋالىي تەسىس قىلىش، مۇھىم ئورۇنلارغا دائىملىق ئەسكەر تۇرغۇزۇش، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئوبوروت قىلىنىدىغان پۇل قۇيۇش، خان يولى ياساش، جام - راباتلارنى تەسىس قىلىش، دېڭىز يولى ئېچىش، قانال قېزىش قاتارلىق قۇللۇق تۈزۈمنى قوغدايدىغان ۋە ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن تۈزۈمنى كۈچەيتىدىغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، پۈتكۈل ئىمپېرىيىنىڭ زېمىنىنى تىزگىنلەش ۋە سودا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق شارائىت ياراتقان. دارىئۇس Ⅰ زېمىنى بىپايان قۇدرەتلىك پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، قەدىمكى مىسىر ۋە ئىككى دەريا ۋادىسىنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى ئىمپېرىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتقاچقا، ئىمپېرىيىنىڭ يېزا ئىگىلىك، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سودا - سېتىق ئىشلىرى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى5 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، دارىئۇس Ⅰ شەخسەن ئۆزى يۇنانغا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىغان، ئۇرۇش داۋامىدا يۇنان ئارمىيىسى باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۇلارنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى486 - يىلى، دارىئۇس Ⅰ ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى يۇنانغا داۋاملىق تاجاۋۇز قىلغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا مەغلۇپ بولغان.
دۇنيا تارىخى
(1) دارىئۇس Ⅰ (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 558 - 486). قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 522 - 486) ھىيتاسپېسنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئاخمېنىدلارغا مەنسۇپ. مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى گائۇماتا سىياسىي ئۆزگىرىشىنى ۋە جايلاردا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەن (ئۇنىڭ جەريانى بېخستۇن قىيا تېشىغا ئويۇلغان). ھەربىي كېڭەيمچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان. مىلادىدىن 518 يىل ئىلگىرى ھىندى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربىي شىمال قىسمىنى بويسۇندۇرغان. ئىككىنچى يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شىمالىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەرگە ھۇجۇم قىلغان، مىلادىدىن 513 يىل ئىلگىرى، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى سىكتايلارغا قارشى يۈرۈش قىلىپ (يېڭىلىپ) خېللېسپون ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تىراكىيىنى ئالغان. ئۇنىڭ زېمىن دائىرىسى شەرقتە ھىندى دەرياسىدىن غەربتە كىچىك ئاسىيا بويلىرىغىچە، جەنۇبتا مىسىر (نىل دەرياسىنىڭ 1-شارقىراتىمىسى) دىن شىمالدا ياۋروپادىكى سىراگىيىگىچە كېڭەيتىلىپ، غايەت زور ئىمپېرىيىگە ئايلانغان. ھوقۇق مەركەزلەشكەن ئىسلاھاتنى يولغا قويغان، مەمۇرىي ئۆلكىلەرنى ئايرىپ، باش ۋالىي تەسىس قىلىپ، دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتكەن؛ دائىمىي ئارمىيە قۇرۇپ، ھەربىي رايونلارنى تەسىس قىلغان، ئارمىيە بىلەن مەمۇرىيەتنى ئايرىغان. دۆلەت خەزىنىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى رايونلارنىڭ ئولپان مىقاىرنى بەلگىلەپ، باجنى كۆتۈرە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان، پۇل تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پادىشاھتا دارىك (تىللا) قۇيىدىغان ئىمتىياز بولىدۇ دەپ بەلگىلىگەن. خان يولى ياساپ، جام - راباتلارنى تەسىس قىلىپ، قوشۇن يۆتكەش ۋە مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئىشلىرىغا ئاسانلىق تۇغدۇرغان. زورو ئاستېر دىنى قىلىپ بەلگىلىگەن. بۇ تەدبىرلەر پېرسىيە ئىمېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان. مىلادىدىن ئىلگرى Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گرېتسىيە - پېرسىيە ئۇرۇشى قوزغالغان. مارافون ئۇرۇشى (مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى) دا مەغلۇپ بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى شېرشېس Ⅰ گرېتسىيىگە داۋاملىق ھۇجۇم قىلغان. دارىئۇس Ⅰ دەۋرىدە پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ قۇدرەت تاپقان دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (2) دارئۇس (مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 330). قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 336 - 330). ئەسلى ئىسمى كودوماننوس. ئەردەشېر Ⅲ (مىلادىدىن ئىلگىرى 358 - 336 تەختتە ئولتۇرغان) ھەرەمئاغىسى باگوئاس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن ېيىن تەختكە ئولتۇرغان ۋە ھەرەمئاغىسىنى ئۆلتۈرگەن. مىلادىدىن 335 يىل ئىلگىرى مىسىرنى يېڭىۋاشتىن بويسۇندۇرغان. مىلادىدىن 333 يىل ئىلگىرى ئىسسوس ئۇرۇشىدا ماكېدونىيە ئالېكساندر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ئەسىرگە ئېلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن قوشۇننى يېڭىۋاشتىن تەرتىپكە سالغان. مىلادىدىن 331 ئىلگىرى گائۇگامېلا دېگەن جايدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولغان. ئۇ مېدىياغا قاچقاندا، باكترىيىنىڭ باش ۋالىيىسى بېسسوس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن؛ قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى شۇنىڭ بىلەن ھالاك بولغان (مىلادىدىن 330 يىل ئىلگىرى).