UyghurMain Dictionary
داكىن دانتون
دۇنيا تارىخى
(1911 - 1968) بىرما كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1947 - 1968) بولغان. دۇڭيۇي ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. رانگون داشۆسى قارىمىقىدىكى سىفەن شۆيۈەنىدە ئوقۇغان، ئوقۇتقۇچى بولغان. 1936 - يىلى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، بىرمىلىقلار جەمئىيىتىگە قاتناشقان. 1938 - 1939 - يىللىرى بىرما كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرۇش ئىشىغا قاتناشقان. 1940 - يىلى ئەنگىلىيەگە قارشى كۈرەش بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن قولغا ئېلىنىپ قامالغان. 1942 - يىلى تۈرمىدىن چىققان. باماۋ (1893 - 1977) ھۆكۈمىتىدە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ياپونىيىگە قارشى يەر ئاستى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1945 - يىلى <بىرما فاشىستلارغا قارشى خەلق ئەركىنلىكى ئىتتىپاقى> نىڭ باش سېكرىتارى بولغان. شۇ يىلى 7 - ئايدا بىرما كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 2 - قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى ۋە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1947 - يىلى بىرما كوممۇنىستىك پارتىيسىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. شۇ يىلدىن باشلاپ، بىرما كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولغان. 1948 - يىلى بىرما كومپارتىيىسى قوراللىق كۈرەشكە كۆچكەندىن كېيىن بىرما كومپارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە خەلق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1968 - يىلى 9 - ئايدا زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قۇربان بولغان.