UyghurMain Dictionary
داڭ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
مېتالدىن ياساپ، ئېسىپ قويۇپ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ، ئاۋازىدىن خەۋەر يەتكۈزىدىغان بىر خىل سايمان.
داڭ چېلىندى، دەرسكە كىرەيلى.* چېركاۋنىڭ دېڭى قاتتىق چېلىندى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
گۆرۈ، رەھنە.
داڭپۇزۇل.* ئۇ ئاخىر قىممەتلىك ئۈزۈكنى داڭغا قويدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
داڭق، نام.
داڭدار، داڭلىق، داڭ چىقارماق، داڭ كەتمەك.* ئۇ دۇنياغا داڭ كەتتى.* يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
تەقلىد سۆز
داڭنى قاتتىق ئۇرغاندا چىققان ئاۋاز.
داڭ قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.* تام سائىتى داڭ ئۇرماقتا.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ھەر بىر نەرسىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمى؛ مەلۇم ھەسسىسى، مىقدار:
تاڭ قالماق، ھەيران بولۇپ جايىدا تۇرۇپ قالماق:
... بۇ مەبلەغ ۋە مىقداردىن چەھار داڭىنى ئۆزى ئالغاي،
دۇ - داڭىنى ئول ئىككەۋگە يەتكۈرگەي.
نەۋايى.
2. مەگەركىم بۇ تۈركى بولۇپدۇر ساراڭ،
باشىم يەرگە قويغاچ تۇرۇپ قالدى داڭ.
ئا. نىزارى، ن. زىيائى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم ۋە مەشھۇر بولغان نىشان، شۆھرەت.
دۆلەتتىن ئاتاق ئارتۇق. ئاتىقى يوق ئەردىن ئوتى يوق يەر ياخشى. گۈزەل ئەخلاق تېرىساڭ، ئاتاق - داڭ يىغىسەن. كۆپنىڭ داڭقى كۆكنى يارار. ياخشى ئاتاق، ياخشى نام يىراققا تارقىلار.
جان تېپىلار، نام تېپىلماس. گۈزەل نام گۈزەل چىرايدىن ئەلا. جان كەتسە كەتسۇن، نام كەتمىسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسە، كېرەكنى قويۇپ، ئورنىغا قەرەل ئىچىدە تۆلەشكە پۇل ئېلىش ئىشى، قەرەلىدە پۇل قايتۇرۇلمىسا، قويۇلغان نەرسە - كېرەك ئالغۇچىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.
ئىندىئانلارنىڭ كېۋا قەبىلىسىدە بەزىلەر ئىسمىنى گۆرۈ قويۇپ پۇل ئالىدىكەن، پۇلنى قايتۇرمىغۇچە ئىسىمىسىز يۈرىدىكەن. رەنىگە قويۇلغانن ئالتۇن ھالقام رەنچىنىڭ قولىغا رەنىچىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. داڭغا قويغان نەرسىدىن ئۈمىد يوق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
داڭ، داڭ - دۇڭ.
داڭ - دۇڭ ئەتتى نەڭ _ نەرسە داڭ - دۇڭ قىلدى، يەنى داڭ - دۇڭ قىلغان ئاۋاز چىقاردى. بۇ سۆز « تاڭ تۇڭ ئەتتى» گە ئوخشاش، «تاڭ - تۇڭ قىلغان ئاۋاز چىقاردى» دېگەن بولىدۇ.
3 - 488
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
داڭ - ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى بىلدۈرىدۇ؛ مەسىلەن، ئىككى داڭ بىر نەرسىنىڭ ئالتىدىن ئىككى قىسمىنى، تۆت داڭ ئالتىدىن تۆت قىسمىنى بىلدۈرىدۇ (<ئەلشىر نەۋائى ئەسەرلىرى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2001 - يىل نەشرى).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
ۋەھىمە ياكى ھەيرانلىقتىن خۇدىنى يوقىتىپ تۇرۇپ قالغان ھالەت.
داڭ قاتماق. داڭ قالماق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مېتالدىن ياسالغان، ئۇرسا قاتتىق ئاۋاز چىقىرىدىغان، سىگنال - خەۋەر بېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان جىسىم ياكى مېتال پارچىسى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
داڭنى قاتتىق ئۇرغاندا چىققان ئاۋاز.
تام سائىتى داڭ ئۇرماقتا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
داڭق.
داڭ چىقارماق.
يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس (ماقال).