UyghurMain Dictionary
داكچىن
دۇنيا تارىخى
رىمگان دېڭىزىنىڭ غەربىدىكى دۆلەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا رىم ئىمپېرىيىسى شۇنداق ئاتالغانىدى. خەن سۇلالىسى خەن خېدىنىڭ يۇڭيۇەن 9 - يىلى (مىلادى 97 - يىلى)، غەربىي يۇرت قۇرۇقچىبېگى بەن چاۋ يانداش ئەلچى گەن يىڭنى داكچىنغا ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. گەن يىڭ سۈرىيە دۆلىتىنىڭ دېڭىز ساھىلىغا يېتىپ بېرىپ، دېڭىزدىن ئۆتەلمەي قايتىپ كەلگەن. خەن سۇلالىسى خەن يۈەندى يەنشى 9 - يىلى (مىلادى 161 - يىلى)، سۈرىيەلىك بىر سودىگەر ئۆزىنى داكچىن دۆلىتى پادىشاھى ئانتوننىڭ ئەلچىسىمەن، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۆكئارت ئارقىلىق جوڭگوغا كەلدىم دېگەن. بۇ جۇڭگو بىلەن رىم ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە قاتناش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. مىلادى 396 - يىلى رىم ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، داكچىن دېگەن ئىسىم شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسى (ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى) نى كۆرسەتكەن. كېيىن جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا يەنە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى <فەرەڭ> دەپ ئاتالغان.