ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
جۇڭگو. كلاسسىك ئەدەبىياتتا كۆپ ئۇچرايدۇ؛ ھازىرمۇ بەزى مىللەتلەر شۇنداق ئاتايدۇ.
خاقانى چىن.* چىن _ ماچىن.* ھىندىچىنى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1. ھەقىقىي، راست، توغرا.
چىن ئىنسان.* چىن گەپ.
2. ساپ، سەمىمىي، پاك. چىن مۇھەببەت.* چىن نىيەت.* چىن كۆڭۈل.* چىن يۈرەك.* چىن دوستن.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
ھەقىقىي يوسۇندا، راستچىللىق بىلەن.
چىن سۆزلە، چىن ياشا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەمەلىي پاكىتقا ئۇيغۇن، يالغىنى يوق.
ئەخمەققە يالغانمۇ راست بولار. راست گەپكە جاۋاب يوق. راستنى قوللاش شەرەپ. چىن گەپ جاندىن ئۇلۇغ. «جىڭ ئالتۇن سىناق تېشىدىن قورقماس.» ھەق سۆز ئاچچىق بولار. ھەقنىڭ رىزقى ھەق. ھەق ئۆلۈم ئابروي. توغرا يۈز؛ توغرا سۆزلە؛ توغرا ئاڭلا؛ توغرا تۇر؛ توغرىنى دە؛ توغرىنى كۆر؛ تۈز كەس، توغرا ئېيت. تۈز دەرەخنىڭ پايدىسى تولا، تۈز ئادمنىڭ دوستى. ھەقىقىي سۆزگە قەسەم كەتمەيدۇ. ھەقىقىي بەخت قان - تەردىن كېلىدۇ. دوستۇڭغا دۇرۇس سۆزلە. جېنىڭنى ئېلىشقا قىلىچ تاڭلەنسىمۇ لىللا گەپ قىل.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئوبيكتىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن، ھەق ۋە ھەقىقىي. راست سۆز، چىن مال، جىڭ ئالتۇن
يالغان، ساختا، جا
ئوبيېكتىپ رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، ھەق ۋە ھەقىقىي ئەمەس. يالغان سۆز، ساختا مال، جا ئالتۇن
راست بىلەن يالغان بىر يەردە جەم بولماس. راستنى كۆرسە يالغان قاچىدۇ، يولۋاسنى كۆرسە تايغان (قاچىدۇ). قۇلاق ئاڭلىغان يالغان، كۆز كۆرگەن راست. راست ئېيتقان تۇتۇلۇپ، يالغان ئېيتقان قۇتۇلىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ. بىر يالغاننى يېپىش ئۈچۈن ئون يالغان يېتىشمەيدۇ. ھەقىقىي سۆزنىڭ كۈچى چىن بولغانلىقىدا. جىڭ ئالتۇن ئوتتىن قورقمايدۇ. جا دورا جاننى ئالىدۇ. ساختا مالنىڭ ئۇۋىسىنى تېپىش ئاسان.
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىچىن، راست.
چىن سۆزلەر _ چىن سۆزلەيدۇ، يەنى راست سۆزلەيدۇ. چىن ئايدىڭ _ راست ئېيتتىڭ.
1 - 441
Domain: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىچىن، ھەق، راست.
چىن سۆز _ چىن سۆز. چىن كىشى _ ئىشەنچىلىك، راستچىل كىشى.
3 - 189
Domain: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىچىن، ھەقىقىي.
Domain: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىكېرەك، كېرەكلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ھەقىقىي، راست، توغرا؛ تولۇق.
قىز نىياز ئەپەندىمنىڭ گەپلىرىنى چىن ئىخلاسى بىلەن ئوقۇپ چىقتى.
سۈپ. پاك، ساپ، سەمىمىي.
سۈپ. قەتئىي، چىڭ.
ئورۇنداشقا سېنىڭ قەرزىڭ، يۈرەكتە چىن قارارىم بار. ئىككى دۇنيا قىلاي خىزمەت، بولۇپ ساڭا چىن ۋاپادار.
رەۋ. ھەقىقىي ھالدا، راستى بىلەن، راست.
چىن ياشاشنىڭ ئۆزىمۇ سەنئەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
جۇڭگونىڭ بەزى مەملىكەتلىرىدە ئاتالغان نامى