UyghurMain Dictionary
چىمىلدىماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسىنى سانجىغاندەك، تارتىشقاندەك ياكى كۆيۈشكەندەك تۇيغۇ پەيدا بولماق؛ ئېچىشماق.
ئابدۇرېھىمنىڭ يۈزلىرى خىجىللىقتىن قىزىرىپ، چىمىلداپ كەتتى.
تېز ۋە تەكرار رەۋىشتە ئېچىلىپ - يېپىلماق ياكى بوش ۋە ئاجىز دەرىجىدە لىكىلدىماق (كۆز، قاش - قاپاق ھەققىدە).
ئۇنىڭ ساپسېرىق كىرپىكلىرى توختىماي چىمىلداپ كەتتى.
ئۇششاق ۋە ئاجىز دەرىجىدە دولقۇن پەيدا قىلماق؛ كۈۋەجىمەك؛ قاينىماق.
قازاندىكى سۇنىڭ ئۇ يەر - بۇ يېرى بىلىنەر - بىلىنمەس چىمىلداۋاتاتتى.
بىر يورۇپ - بىر ئۆچمەك، چاقنىماق، يالتىرىماق.
شالاڭلاپ قالغان بۇلۇتلار ئارىسىدا ئاندا - ساندا كۆرۈنۈپ تۇرغان يۇلتۇزلار ئۇنىڭ ياشلىق كۆزلىرىگە ئوخشاش چىمىلداپ تۇراتتى.