ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئۇششاق ۋە ئاجىز دەرىجىدە دولقۇنلانماق، مەۋج ئۇرماق.
كۆل يۈزى چىمىرلاپ تۇراتتى.
چاقنىماق، جىلۋە قىلماق، يالتىرىماق؛ تاۋلانماق.
جىمجىت كېچە. ئەتراپ قاراڭغۇ، كۆكتىكى يۇلتۇزلار روشەن چىمىرلايتتى.
ئۈستىدە بىرەر نەرسە ماڭغاندەك، كۆيۈشكەندەك ياكى بىرەر نەرسە سانجىلغاندەك تۇيغۇ پەيدا بولماق (بەدەن ھەققىدە).
بالىلارنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرۈپ بەدەنلىرىم ئىختىيارسىز چىمىرلاپ، يۈرىكىم ئېچىشىپ كەتتى.