Chinese→UyghurMain Dictionary
查理三世
دۇنيا تارىخى
چالېس Ⅲ
(819 - 829) فرانسىيە كورۇلى (893 - 923). مىلادى 898 - يىلى ئۆزى ھاكىمىيەت سورىغان. 911 - يىلى نورمانلارنىڭ باشلىقى روللو بىلەن سۈلھ شەرتنامىسى تۈزۈپ، نورماندىيىنى نورمانلارنىڭ ئىدارە قىلىشىغا بۆلۈپ بەرگەن، شۇنداق قىلىپ، نورماندىيە كىنەزلىكى بارلىققا كەلگەن. شۇ يىلى چارلېس لوررا ئىنغا تاجاۋۇز قىلغان. 922-يىلى چوڭ فېئوداللار ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئۇنى تەختتىن چۈشۈرگەن. ئىككىنچى يىلى سوئىسسون جېڭىدە يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشكەن، كېيىن تاكى ئۆلگىچە نەزەربەند ئاستىدا تۇرغان. (2) (1716 - 1788). ئىسپانىيە كۆرۇلى (1759 - 1788) فىلىپ Ⅴ (1683 - 6174) نىڭ ئوغلى. 1732 - يىلى پالما كىنەزىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. 1734 - يىلىدىن كېيىن نېئاپولنىڭ كورۇلى بولغان. 1759 - يىلى ئۇنىڭ ئاتا باشقا ئاكىسى فېرناندو Ⅵ (1713 - 1759) ئۆلگەندىن كېيىن ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان. تەختتىكى مەزگىللىرى ئىزائىتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزلىرىنى ئىسپانىيە، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مۇستەملىكىلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. دۆلەت ئىشلىرى كېڭىشى تەسىس قىلىپ ۋەزىرلەرنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرغان؛ ياللانما ئەسكەر ئېلىش تۈزۈىنى ئەسكەرلىككە چاقىرىش تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىپ، ئارمىيە ئىچىدە پرۇسسىيىچە ھەربىي مەشىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان؛ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەردە يولغا قويغان؛ مۇستەملىكىدىكى سودىنى چەكلەشتەك ئەنئەنىۋى سىياسەتنى ئۆزگەرتىپ، مۇستەملىكىلەردىكى ھەرقايسى پورتلارنى ئىسپانىيىدىكى پورتلار بىلەن ئەركىن سودا قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان. دىپلوماتىيە جەھەتتە فرانسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئەنگىلىيىگە قارشى تۇرغان. 1761 - يىلى فرانسىيە بىلەن <بوربۇن جەمەتى ئىتتىپاقلىق ئەھدىنامىسى> تۈزۈپ، ئىسپانىيىنى <يەتتە يىللىق ئۇرۇش> قا سۆرەپ كىرىپ، ئۇرۇشتا يېڭىلگەندىن كېيىن فلورىدانى ئەنگىلىيىگە بۆلۈپ بەرگەن شىمالىي ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ۋاقتىدا شىمالىي ئامېرىكا خەلقىگە ياردەم بەرگەن ھەمەد 1779 - يىلى ئەنگىلىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ <پارىژ سۈلھ شەرتنامىسى> دا فلورىدا بىلەن مىنوركا ئارىلىنى قايتۇرۇۋالغان.