Chinese→UyghurMain Dictionary
查理一世
دۇنيا تارىخى
چارلېس Ⅰ
(1288 - 1342) ۋېنگرىيە كورۇلى (1308 - 1342). ئەسلى نېئاپول پادىشاھلىقى ئانجۇخان جەمەتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئىسمى چارلېس روبېرت. 1301-يىلى ۋېنگرىيە ئارپا سۇلالىسى ئاياغلىشىپ، ئۇ 1308-يىلى ۋېنگرىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان. كېيىن پولشا كورۇلى ۋلادېسلاۋ Ⅰ. لوكېتېكنىڭ قىزى بىلەن توي قىلغان. ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى شەھەرلەرگ ئىمتىياز بېرىپ، سودىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بەرگەن، ئارمىيىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ، پادىشاھلىق ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن. (2) كارلوس (1500 - 1558) ئىسپانيە كورۇلى (1516 - 1556)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (چارلېس Ⅴ دەپ ئاتالغان)، 1519 - 1556(. ئۇنىڭ دادىسى فىلىپ مۇقەددەس رىم ئىمپېىريىسىنىڭ ئىمپېراتورى ماكىسىلىيان Ⅰ نىڭ ئوغلى. ئانىسى جۇئاننا ئىسپانىيىدىكى فېردىناندو بىلەن ئىسابېلىنىڭ قىزى. 1516-يىلى فېردىناندو ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋارىسى قالمىغانلىقتىن، كارلۇس قىز نەۋرە سالاھىيىتى بىلەن ئىسپانىيىىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسپانىيە ھەمدە ئىسپانىيىگە قاراشلىق جەنۇبىي ئىتالىيە، سىتسىلىيە، ساردىنىيە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىلەرنى ئىلكىگە ئالغان. 1519-يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورلۇقىغا سايلانغان. 1535-يىلى شىمالىي ئافرىقىغا قوشۇن تارتىپ، تۈركلەرنىڭ قولىدىن تونىسنى )ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە قولىدىن كەتكەن(تارتىۋالغان. ئىسپانىيە ۋە نېدېرلاندقا مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈپ، 1520 - 1522 - يىللىرى ئىسپانىيە شەھەر جامائەت قوزغىلىڭى، شۇنىڭدەك 1539 - 1540 - يىللىرى نېدىرلاندتىكى گېنت قوزغىلىڭىنى باستۇرغان. ئىتالىيىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، فرانسىيە كورۇلى فرانسۇس Ⅰ بىلەن ئۇزاق مۇددەتكىچە ئۇرۇش قىلغان )<ئىتالىيە ئۇرۇشى> غا قارالسۇن(. گېرمانىيىنىڭ دىنىي ئىسلاھاتى ۋە دېھقانلار ئۇرۇشىغا قارشى چىققان. 1547-يىلى مولبېرگ )گېرمانىيىنىڭ شەرقىدىكى كىچىك بازار(دا پروتېستانت بەگلىكلىرى بىرلەشمە ئارمىيىسىنى يەڭگەن؛ 1552-يىلى ئوڭۇشسلىزلىققا ئۇچراپ، 1555-يىلىغا كەلگەندە <ئوگسبۇرگ دىنىي سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولغان. ئىككىنچى يىلى پادىشاھلىق ئورنىدىن چۈشۈپ، ئىسپانىيىنىڭ پادىشاھلىقى بىلەن مۇقەددەس رىم ئىمپرىيىسىنىڭ ئىمپېراترلۇقىنى ئوغلى فىلىپ ) يەنى فىلىپ Ⅱ( ۋە ئىنىسى فېردىناندو )يەنى فېردىناندو Ⅰ( غا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. )3( )1600 - 1649(. ئەنگلىيە ستۇئارت سۇلالىسىنىڭ كورۇلى )1625 - 1649(. جامېس Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن دادىسىنىڭ سىياسىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، پارلامېنت بىلەن قارشىلاشقان، پۇرىتانلارنى باستۇرۇپ، يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان سودا - سانائەتكە زەربە بەرگەن. 1628-يىلى پارلامېنت بىلەن قارشىلىشىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن <ھوقۇق مۇراجىئەتنامىسى> نى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان. 1629 - 1640 - يىللىرى پارلامېنتسىز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزگەن. 1640 - يىلى شوتلاندىيە ئۇرۇشى بولغانلىقتىن پارلامېنت چاقىرىشقا مەجبۇر بولغان. 1642 - يىلى پىم )1584 - 1643( قاتارلىق پارلامېنت رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىش سۇيىقەستنى ئەمەلگە ئاشماي، ئىچكى ئۇرۇش قوزغىغان. ئىككى قېتىمىلق ئۇرۇشتا يېڭىلگەن. 1649 - يىلى 1-ئايدا پارلامېنت تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. )4( )1887 - 1922(. ئاۋسترىيە كورۇلى )1916 - 1918(، ۋېنگرىيە كورۇلى )كارل Ⅳ دەپ ئاتالغان، 1916 - 1918(. 1918 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاۋستىريىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىدىن قالدۇرۇلغان، 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋېنگرىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىدىن قالدۇرۇلغان. كېيىن چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، 1921-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ۋېنگرىيىگە قايتىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان، ئىككىنچى يىلى پورتۇگالىيىدە ئۆلگەن.
دۇنيا تارىخى
چارلېس Ⅱ
(1630 - 1685) ئەنگلىيە ستۇئارت سۇلالىسىنى كورۇلى (1660 - 1685)، چارلېس Ⅰ نىڭ ئوغلى. ئەنگلىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىغا قارشى تۇرغان، 1646-يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن. 1650-يىلى شوتلاندىيىگە قايتىپ كەلگەن ھەمدە ئەنگلىيىگە تاجاۋۇز قىلغان. 1651-يىلى كرومۋېل تەرىپىدىن تارمار قىلىنىپ، فرانسىيىدە مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن. 1660-يىلى قايتىدىن تىرىلىپ، پادىشاھلىق ئورۇنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىستېىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقىنى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. دۆلەت دىنىدىن پايدىلىنپ پورىتانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. ئەنگلىيە بۇرژۇئائىنقىلابىغا قاتناشقۇچىلارنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئۇلارنى تەقىپ ئاستىغا ئالغان. ھەتتا كرومۋېل قاتارلىقلارنىڭ جەسىتىنى قاتتىق قامچىلىغان. كېيىن <كابال> گۇرۇھىدىكى بەش ۋزىرنى ئەتىۋارلىق ئىشقا سالغان. ھاكىمىيەت يۈگۈزگەن مەزگىللىرى ئىككى قېتىم گوللاندىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، گوللاندىيىنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىنى تارتىۋالغان؛ شۇنىڭدەك كاتولىك دىنىي كۈچلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقتىن <ختابنامە> نى بىكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان. لېكىن پارلامېنت بىلەن كورۇل ئوتتۇرىسىدكى كۈرەش يەنىلا داۋاملاشقان.