Chinese→UyghurMain Dictionary
查理
دۇنيا تارىخى
چارلېس
(1) چارلېس (پاينەكباش، 823 - 877). غەربىي فرانك كورۇلى (843 ) 877(. لۇئى )ساداقەتمەن( نىڭ ئوغلى. مىلادىن 840-يىلى ئاكىسى لۇئى )گېرمان( بىلەن <سىتراسبۇرگ قەسىمى> نى ئېلان قىلىپ، چوڭ ئاكىسى لوتارى Ⅰ گە قارشى چىققان. 843-يىلى ئاكا - ئۇكا ئۈچەيلەن <ۋېردون شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، كارولىن ئىمپېرىيىسىنى ئۈچكە بۆلۈۋەتكەن، چارلېس )پاينەكباش( پادىشاھلىقى دەپ ئاتالغان. 847-يىلى ۋە 877-يىلى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ <مېرىسېن پەرمانى> ۋە <كېرىسىسور - ئوسې پارمانى> نى چىقىرىپ، غەربىي فرانك فېئوداللىق تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 870-يىلى لۇئى )گېرمان( بىلەن <مېرسېن شەرتنامىسى> نى تۈزۈپ لوررىئانېنى بۆلۈشكەن. 875-يىلى ئىتالىيىگە بېسىپ كىرگەن ۋە رىم پاپاسى جۇئان Ⅲ تەرىپىدىن ئۇنىڭغا تاج كىيگۈزۈلۈپ كورۇل دەپ ئاتالغان. )2( چارلېس )قارانىيەت، 1332 - 1387( ناۋاررا كورۇلى )1349 - 1387(. ئېۋرى )پارىژنىڭ غەربىي شىمالىدا( گرافى. قېيىن ئاتىسى جون Ⅱ <ئاق كۆڭۈل ئادەم>بىلەن فرانسىيىنىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى تالاشقانلىقى ئۈچۈن، 1356-يىلى تۈرمىگە تاشلانغان. ئىككىنچى يىلى قويۇپ بېرىلگەن. كېيىن يەنە 1357 - 1358-يىللىرى پارىژ ئاھالىلىرى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى ئېتېن مارسېلغا يېقىنلىشىپ پارىژ شاھزادىسى چارلېس )كېيىنكى پارىژ كورۇلى چارلېس Ⅴ( قا قارشى چىققان. 1358-يىلى پىكاردى، نورماندى ۋە ناۋاررا قاتارلىق جايلارنىڭ رىتسارلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جاكلى قوزغىلىڭىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. )3( چارلېس )قەيسەر، 1433 - 1477( بورگۇندى كىنەزى )1467 - 1477(. جامائەت پاراۋانلىقى ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقى. ئۇنىڭغا تەۋە جايلار بورگۇندى كىنەزلىكىدىن باشقا نېدېرلاند ۋە فرانسى - كۈمتې قاتارلىق جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅩⅠ نىڭ ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈشىگە قارشى تۇرغان ھەمدە ئەنگلىيە كورۇلى ئېدۋارد Ⅳ )1442 - 1483( نىڭ سىڭلىسى مارگرېت بىلەن توي قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئەنگلىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. كۆپ قېتىم نېدېرلاند شەھىرىدىكى قوزغىلاڭنى باستۇرغان. 1476-يىلى شۋېتسارىيىگە بېسىپ كىرگەن، ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا نانسى )ھازىرقى فرانسىيىنىڭ شەرقتىكى جايلاشقان( جېڭىدە شۋېتسارىيە، لوررانى بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن قېپقالغان يەرلەر )بۇرگۇندى كىنەزلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ( <بۇرگۇندى مىراسى> دەپ ئاتالغان.