UyghurMain Dictionary
بۇزۇقلۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يامان - ئەسكى ھالەت، قىلىق.
يامانلىقنى ئامانلىق يېڭەر. يامانلىق - ياۋنىڭ تامغىسى. يامانلىق تېرىغان يامانلىق كۆرەر. يامانلىق قىلساڭ، يامانلىق كۆرۈسەن. ناچارلىقتىن يىرگىنىدۇ، ياخشىلىققا تەلپۈنىدۇ. ئوساللىق ئۆمۈرنى قىسقارتىدۇ. بۇزۇقلۇق يۇرت بۇزىدۇ. ئەسكىلىكنىڭ يىلتىزى ھۇرۇنلۇق. قەبىھلىك تېرىساڭ، ئۆچمەنلىك يىغىسەن. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولدۇڭ، يەنە نېمە كېرەك؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بۇزۇلغان، بۇزۇپ قويۇلغان.
ۋېلسىپىت بۇزۇقلۇق پېتى تۇرمامدۇ؟
ئى. ئەخلاقسىزلىق؛ بۇزۇقچىلىق.
بۇرۇن مەلۇم بىر يۇرتتا بۇزۇقلۇقتا ئۇچىغا چىققان بىر باي ئۆتكەنىكەن.