UyghurMain Dictionary
بۇزۇلغان ناماز
بىئولوگىيە
نامازنى بۇزىدىغان سۆز - ھەرىكەتلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، ناماز ئوقۇۋاتقاندا پاراڭ سېلىش، بىر - بىرىگە قەستەن سالام بېرىش، ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ ناماز ئوقۇش، ئاھ ئۇرۇش، ئۇھ تارتىش، قەستەن كېكىرتەك قىرىش، ئاغرىق تەپەيلىدىن يىغلاش، كۈلۈش، قەي قىلىش، بىر نەرسە يېيىش، ئۇخلاپ قېلىش، ئەۋرىتى ئېچىلىپ قېلىش، قۇرئان تىلاۋەت قىلىۋاتقاندا بەدىنىنى ئۈچ قېتىم تاتىلاش، مىدىرلاش قاتارلىقلار كۆرۈلسە ناماز بۇزۇلغان بولىدۇ. شەرىئەت بويىچە، مۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ قالسا، نامازنى يېڭىباشتىن ئوقۇش لازىم.