UyghurMain Dictionary
بۇزۇلماق
بىئولوگىيە
بۇزۇلماق، ۋەيران بولماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<بۇزماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
ئاناڭ ئۆگەي بولسا، تويۇڭ بۇزۇلار (ماقال).
ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزۈلىدۇ، خوتۇن كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلىدۇ (ماقال).
<بۇزماق> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
چۈشتىن كېيىن ئۇشتۇمتۇت ھاۋا بۇزۇلدى.
نىكاھلىق يولدىشىدىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا بىرىگە قارىماق، بېرىلمەك.
پاتەمخان بالىسىغا ئېچىنىش بىلەن قارىغاندىن كېيىن: - بۇنىڭ دادىسى … كېيىن ھازىرقى خوتۇنىغا بۇزۇلۇپ، مېنى ئاجرىشىشقا قىستىدى، - دېدى.