UyghurMain Dictionary
بۇلغارىيە دېھقانلار ئىتتىپاقى
Domain: دۇنيا تارىخىبۇلغارىيىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئازىيە دېموكراتلىرىنىڭ سىياسىي پارتىىسى. 1898-يىلى ئېئوردا پېكارېۋنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان. 1899-يىلى 12-ئايدا پلېۋېندا رەسمىي قۇرۇلغان. 1901-يىلى ئىتتىپاقنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئىتتىپاقنى پارتىيىگە ئۆزگەرتىش، دېھقانلارنىڭ بۇرژۇئازىيىنىڭ سىياسىي زۇلمىغا ۋە ئىقتىسادىي ئېكسىپلاتاتسىيىسىگە قارشى كۈرىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۈزۈل - كېسىل بولغان دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىشنى قارار قىلغان. كېيىن، ئىتتىپاقنىڭ داھىيلىرى مۇستەقىل دېھقانلار ھاكىمىيىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت خاتا شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقتىن، ئىشچىلار بىلەن بىرلىشەلمەي، بۇرژۇئازىيە تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ 1919-يلىنىڭ ئاخىرىدىن 1920-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ قالغان.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.