UyghurMain Dictionary
بۇلغارىيىلى پەۋقۇلئاددە زاپاس ئارمىيە
دۇنيا تارىخى
1877 - 1878- يىللىرىدىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە روسىيە ئارمىيىسى ئىچىدە قۇرۇلغان. بۇلغارىيىلىك ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەردىن تەشكىللەنگەن قوراللىق قىسىم. 1876-يىلى 6-ئايدا سېربىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ، روسىيە پىدائىيلار قوشۇنى ئەۋەتىپ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرغان ھەمدە روسىيە ئارمىيىسى ئىچىدىكى بۇلغارىيىلىك ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرلەرنى توپلاپ، بۇلغارىىيىلىك پەۋقۇلئاددە زاپاس ئارمىيىسىنى قۇرۇپ، روسىيىىك ئوفىتسېرلار تەلىم - تەربىيە بەرگەن. 1879-يىلى بۇلغارىيە ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن زاپاس ئارمىيە ئاساسىدا بۇلغارىيە ئارمىيىسى قۇرۇلغان.