UyghurMain Dictionary
بۇل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . ھارۋىنىڭ ئۇقىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرۇشقا بېكىتىلگەن ئىچى كاۋاك كۆتەك.
ھارۋا بۇلى.
2 . ئېغىرلىق كۆتۈرۈش سايمىنى. قۇدۇق بۇلى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
نەملىشىپ، ئىچىدىن ئېچىغان، بۇزۇلغان.
بۇل بۇغداي، قۇناق بۇل بولۇپ كېتىپتۇ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئۇرۇقلارنىڭ نەملىكتە ئۆز ئىچىدىن ئۈنۈپ قېلىشى؛ ئىچ - ئىچىدىن تىت - تىت بولۇش.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆرسىتىش ئالماشلىرى. سۆزلىگۈچىنىڭ ئۆزى كۆرۈپ تۇرغان ياكى ئۇنىڭدىن خەۋەردار بولغان نەرسىلەر ھەققىدە ئېيتىلىدۇ.
«مەزكۇر» دىن باشقىلىرى كۆپلۈك قوشۇمچىسىنى ئالىدۇ.
بۇ كىتاب مېنىڭ. مۇشۇ كۈنلەردە نەدە يۈرۈسەن. مۇنۇنى ئال. مانا مۇشۇ چاپان چىرايلىق ئىكەن. ئۇشبۇ خەت ئاكام توختىغا تەگسۇن. مەزكۇر پىلاننى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
شىۋىلەر
ئاشلىقنىڭ يامغۇردا قېلىپ بۇزۇلۇشى. مەسىلەن: بۇ بۇغداي بۇل بولۇپ قاپتۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇل.
بۇل ئات _ ئاق پاچاق ئات. پىشانىسىدە قاشقىسى بار ئات « ئۇغار بۇل» دېيىلىدۇ.
1 - 437
بىئولوگىيە
تاپماق، ئىگە بولماق، ئېرىشمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۈگمەن ئوقىغا بېكىتىلگەن، چۆرىسىگە قانات قېقىلغان يۇمىلاق كۆتەك.
ھارۋىنىڭ ئوقىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدىغان، ئىچىگە ياپىلاق تۆمۈر ئورنىتىلغان ئىچى كاۋاك يۇمىلاق كۆتەك.
چىغىرىقنىڭ ئايلىنىش پرىنسىپىغا ئاساسەن ياسالغان بىر خىل ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۈسكۈنىسى. ئادەتتە قۇدۇقتىن سۇ تارتىش، كېمە پاراخوتلاردا لەڭگەرنى تارتىش، مال بېسىش ۋە چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىشلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۆزىگە ئۆتكەن نەمنىڭ تەسىرى ئارىلىق ئىچىدىن بىخسىغان، ئېچىلغان، ئەسلىي ھالىتى بۇزۇلغان.
بۇل بۇغداي، بۇل بولماق.