UyghurMain Dictionary
بۇگايىن ۋىللې
دۇنيا تارىخى
(1729 - 1811) فرانسىيىلىك دېڭىز ساياھەتچىسى. ياش ۋاقىتلىرىدا فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسىدە خىزمەت قىلغان، فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسىدە ئەمەلدار بولغان. 1766 - 1769 - يىللىرى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، بەزى مۇزبيشۇناسلار ۋە ئالىملارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دۇنيانى ئايلىنىشقا ئاتلىنىپ، يېڭى ھبېرىد تاقىم ئاراللىرىدىن ئۆتۈپ، بۈگۈنكى بۇگايىن ۋىللې بوغۇزىدىن ئۆتۈپ سولومون تاقىم ئاراللىرى ۋە ساموئا تاقىم ئاراللىرىغىچە بارغان. دېڭىز ساھىلىدا تۇرغان نۇرغۇن قېيىقلارنى كۆرۈپ، ئۇ جايغا <دېڭىز ساياھەتچىلىرى ئارىلى> دەپ نام قويغان. 1772-يىلى لۇئى ⅩⅤ نىڭ ۋەزىرى بولغان. 1779 - 1782 - يىللىرى شىمالىي ئامېرىكىغا ئەۋەتىلگەن فرانسىيە شۆبە فىلوتىنىڭ قوماندانى بولۇپ، ئامېرىكا ئىنقىلابىنى قوللىغان، فرانسىيە زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە قېچىپ كەتكەن. ناپولىئون Ⅰ ھاكىمىيەت تۇتقان ۋاقىتتا پارلامېنت ئەزاسى بولغان. ئۇنىڭ <يەر شارى ساياھىتى> ناملىق ئەسىرى بار.