UyghurMain Dictionary
بۇلغادى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بۇلغىدى؛ ئارىلاشتۇردى؛ غەش قىلدى.
ئول سۇۋۇغ بۇلغادى _ ئۇ سۇنى بۇلغىدى. ئول تۇتماچ بۇلغادى _ ئۇ (قازاندىكى) تۇتماچنى (چۆپنى) ئارىلاشتۇردى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق. بوتقا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ئاستى - ئۈستىنى تەكشى پىشۇرۇش ئۈچۈن ئارىلاشتۇرسىمۇ شۇنداق دېيىلىدۇ. ئول ئەر ئانىڭ كۆڭلىن بۇلغادى _ ئۇ ئادەم ئۇنىڭ كۆڭلىنى بۇلغىدى، غەش قىلدى. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى تەبىئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تاماق يېيىشتىن، ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاينىپ، قۇساي دەپ قېلىشىدۇر.
3 - 394