Chinese→UyghurMain Dictionary
波兰王国
دۇنيا تارىخى
پولەك پادىشاھلىقى
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرى پولشا زېمىنىدا قۇرۇلغان چار روسىيىگە بېقىندى دۆلەت. 1815-يىلى ۋېنا يىغىنىدا پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ۋە روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پولشانى بۆلۈشۈۋېلىشى ئېتىراپ قىلىنغان. روسىيە پولشادىكى ۋارشاۋا كىنەزلىكىنىڭ تېررىتورىيىسىدە پادىشاھلىق قۇرۇپ، روسىيە پادىشاھى ئالېكساندر Ⅰ پادىشاھلىقنى ئۈستىگە ئالغان. ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ، پولشانىڭ سايلام ئاقرىلىق بارلىققا كەلگەن مۇستەقىل پارلاېنتى، ئارمىيىسى ۋە چارروسىيە باش ۋالىيىسى باشچىلىقىدىكى مۇستەقىل ھۆكۈمىتى بولۇشقا ھوقۇقلۇق دەپ بەلگىلىگەن؛ پولشا پۇقرالىرىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئېلان قىلىپ، پولشانىڭ سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن مۇستەقىل پارلامېنتى، ئارمىيىسى ۋە چارروسىيە باش ۋالىيىسى باشچىلىقىدىكى مۇستەقىل ھۆكۈمىتى بولۇشقا ھوقۇقلۇق دەپ بەلگىلىگەن؛ پولشا پۇقرالىرىنىڭ باراۋەرلىكىنى ئېلان قىلىپ، نەشرىياتچىلىق ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتارلىقلارنى يولغا قويغان. پولشا خەلقى ئۈزلۈكسىز تۈردە چار روسىيە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ غەلىبە قىلالمىغان. روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابىدىن كېيىن، 1918-يىلى 8-ئايدا سوۋېت روسىيىسى پەرمان ئارقىلىق پولشانى بۆلۈشۈۋېلىش ھەققىدىكى تۈرلۈك كېلىشىملەرنى بىكار قىلغان. پادىشاھلىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلىپ، پولشانىڭ مۇستەقىللىكى ئەسلىگە كەلگەن، 11-ئايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغان.