Chinese→UyghurMain Dictionary
波兰王位继承战争
دۇنيا تارىخى
پولشا پادىشاھلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشى
1733 - 1735- يىللىرى روسىيە، ئاۋستىرىيە بىلەن فرانسىيە، ئىسپانىيە، سارددىنىينىڭ پولشانىڭ پادىشاھلىق ئورنىنى تالىشىش يولىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى. پولشا - كورۇلى ئاۋگۇست Ⅱ (1670 - 1733) ئۆلگەندىن كېيىن پولشا فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅤⅩ نىڭ قېيىن ئاتىسى لېزىنىسكى (يەنى ستانىسلاۋ 1677 - 1766) نى كورۇللۇققا سايلىغاندا روسىيە ۋە ئاۋسيىرىيەنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. 1733 - يىلى روسىيە ئارمىيسى پولشاغا بېسىپ كىرىپ، ئۇرۇش پارتلىغان. 1735 - يىلى روسىيە ۋە ئاۋستىرىيە لېزىنسكىسىنى قوغلىۋېتىپ، ئاۋگۇست Ⅱ نىڭ ئوغلىنى كورۇل قىلىپ تىكلەپ، ئۇنى ئاۋگۇست Ⅲ (1696 - 1763) دەپ ئاتىغان. ئۇرۇش يەنە ئىتالىيە ۋە رېيىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان. 1735 - يىلى <ۋېنا سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ ئىككى تەرەپ ئاۋگۇست Ⅲ نى پولشانىڭ كورۇلى دەپ ئېتىراپ قىلغان.