Chinese→UyghurMain Dictionary
波兰工人党
دۇنيا تارىخى
پولشا ئىشچىلار پارتىيىسى
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە پولشادا قۇرۇلغان ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى. 1942 - يىلى 1 - ئايدا پولشا زېمىنىدىكى<ئازادلىق كۈرەش جەمئىيىتى>، <ئىشچى - دېھقانلار تەشكىلاتى>، <بولقا ۋە ئورغاق>، <سوۋېتلەر دوستى جەمئىيىتى> ۋە <پرولېتارلار> قاتارلىق ئىنقىلابىي گۇرۇپپىلار ۋارشاۋادا ئېچىلغان بىرلەشمە يىغىنىدا پولشا ئىشچىلار پرتىيىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. نوۋوتكو (1893 - 1942) پارتىيە مەركىزىي كومىتىتنىڭ سېكرىتارلىقىغا سايلانغان. <ئىشچىلار، دېھقانلار، زىيالىيلار ۋە بارلىق پولشا ۋەتەنپەرۋەرلىرىگە خەت> نى ئېلان قىلىپ، ئىشچىلار سىنىپىنىڭ رەھبەرلىكىدە بارلىق ۋەتەنپەرۋەر كۈچلەرنى فاشىزىمغا قارشى مىللىي سەپ قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، فاشىست گېرمانىيىسى،ئىشغالىيىتىدىكى ۋەتەن تۇپرىقىنى ئازاد قىلىپ، ئەركىن، مۇستەقىل پولشا قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. پولشا خەلق گۋاردىيىسىنى تەشكىللەپ، فاشىزمغا قارشى كۈرەش بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1944 - يىلى پولشا ئازاد بولغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، دېھقانلار پارتىيىسى ۋە دېموكراتلار پارتىيىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ مىللىي ئازادلىق كومىتېتى قۇرۇپ، ئەڭ ئالىي دۆلەت مەمۇرىي ھاكىمىيىتىنى يولغا قويغان. 1948 - يىل 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى پولشا سوتسىيالىستلار پارتىيسى بىلەن قۇشۇلۇپ پولشا بىرلىككە كەلگەن ئىشچىلار پارتىيىسى قۇرۇلغان.