UyghurMain Dictionary
باراۋەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دوستلار، قۇرداشلار ئارا ئۆتكۈزۈلىدىغان چاي - زىياپەت، ئويۇن - تاماشا.
«باراۋەت» تەڭ پۇل چىقىرىپ، باغ - باراڭلاردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
«مىلىس» قۇمۇل شېۋىسى، «مىلىس» ئولتۇرۇشى قۇمۇلدا بولىدۇ.
بەزمە كۈنى ياشلار سېپىدە كۈيلەر، ئەمما ئىش تەدبىرىنى قېرىدىن ئىزلە. باراۋەت بولسا، شاراپەتمۇ بولار. بالاڭنى مەكتەپكە بەر، بولمىسا مەشرەپكە. بۈگۈنكى مىلىس كۆڭۈلدىكىدەك بولدى. ئولتۇرۇشتا چىرايلىق ئولتۇر، ئوينا- كۈل، يە - ئىچ، قورساقنى تولدۇر.
شىۋىلەر
باغ سەيلىسى زىياپىتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرقانچە كىشىنىڭ بىر جايىغا توپلىشىپ قىلغان سەيلە - تاماشىسى.
باراۋەت قىلماق. باراۋەت ئوينىماق.