UyghurMain Dictionary
باران
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يامغۇر:
نە نامازۇ رۇزىيۇ نە ئەيلەدىم ھەججۇ - زەكات،
بولدى ئەمدى كۆز ياشىم چۇن مىسلى باران ئەلۋىدا.
سەدائى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
يامغۇر: تىرە باران - ئوق ياغدۇرماق؛ سەنگى باران - تاش ياغدۇرماق؛ سەنگى باران - تاش ياغدۇرماق؛ ئەشك باران - ياش يامغۇرى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىلىنەر - بىلىنمەس ئاۋاز، بىرەر نەرسىنىڭ كۆرۈنەر - كۆرۈنمەس قارىسى، بىرەر نەرسىنىڭ يېقىنلاپ كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى.
«باران» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
بىر ئىت شەپىگە قاۋىسا، ئون ئىت تىۋىشكە قاۋار. تىۋىشى كەلسە، ئۆزىمۇ كېلەر.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
شەپە، قارا؛ ھەيۋە. مەسىلەن: يىراقتىن بىر نەرسىنىڭ بارانى كۆرۈنۈۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. شەپە، قارا؛ ھەيۋە.