UyghurMain Dictionary
باراۋەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېگىز - پەسلىك، يۇقىرى - تۆۋەنلىك بولمىغان، ھەممە ئوخشاش بولغان ھالەت.
بەش قول تەڭ ئەمەس. قاش بىلەن كۆز تەڭ بولمايدۇ. باراۋەر ئىدۇق ھەممىمىز تەڭرى ئالدىدا ، باراۋەر بولمىدۇق ئەممە دەۋر ئالدىدا، كېرىلىپ كەتمىگىن سەن ئامەتلىرىڭدىن، باراۋەر بولىمىز قەبرى ئالدىدا. بەش تال بارماق، بەش قېرىنداش، بىراق زادى بىردەك بولماس. بىر كۈندە تۇغۇلغان بارماقمۇ تەكشى ئەمەس. تىكىس يەر تېپىلماس. تەڭپۇڭ بولماق تەس، مۇۋازىنەت ئەلا. موساۋەت فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ ئۈچ شوئارى : ھۈرىيەت، موساۋات، ئادالەتنىڭ بىرى. ئۇنىڭدا ھەممىنىڭ تەڭ - باراۋەرلىكى تەشەببۇس قىلىنغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. ئۆلچىمى، سانى، ھەجمى، مىقدارى، قىممىتى، چوڭ - كىچىكلىكى، ئەھمىيىتى، مەنىسى قاتارلىق جەھەتلەردە بىر خىل، تەڭ؛ پەرقى يوق، بىردەك.
بۇ ئۆز ئىشىمىز، ھازىر سۇ دېگەن قان بىلەن باراۋەر، توسۇۋالغىنىمىز ئوبدان بولدى.
رەۋ. بىر مەزگىلدە، بىر پەيتتە، بىر ۋاقىتتا.
باراۋەر يۈگۈرمەك. باراۋەر تۇرماق، باراۋەر ئىشلىمەك.